تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ھەمكارلىشىپ كىنو ئىشلەيدۇ

تۈركىيە بىلەن ھىندىستان كىنو ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورناتتى

751552
تۈركىيە  بىلەن ھىندىستان ھەمكارلىشىپ كىنو ئىشلەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ھەمكارلىشىپ كىنو ئىشلەش ئۈچۈن كېلىشتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان  بىلەن رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى تارابيا سارىيىدا سەنئەتچىلەر بىلەن تەنتەربىيەچىلەرنىڭ شەرىپىگە ئىپتار بەردى.

ئىپتاردا سۆز قىلغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ دۇنيا مىقىياسىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئۈستىدە توختالدى.

ھىندىستاندا تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ھىندىستان كۆرۈرمەنلىرىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان ئەردوغان سۆزىنى داۋملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھىندىستاننى زىيارەت قىلغان چېغىمدىمۇ تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە فىلىملىرىنىڭ ھىندىستانلىقلارنىڭ ياخشى كۆرۈشكەنلىكىنى ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم. بۇ مېنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى، ھىندىستان بىلەن ھەمكارلىشىپ كىنو ئىشلەش ئۈچۈن كېلىشتۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر