تۈركىيە مىقياسىدا رامىزان تەييارلىقلىرى ئاخىرلاشتى

ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە شەھەر، يېزىلاردا سېلىنىدىغان رامىزان داستىخانلىرى مەملىكەت مىقياسىدىكى مىليونلىغان كىشىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىدۇ.

737430
تۈركىيە مىقياسىدا رامىزان تەييارلىقلىرى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساكاريا، بولۇ، كارابۈك، دۈزجە، بارتىن ۋە زونگۇلداكتا رامىزان تەييارلىقلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئىپتار چېدىرلىرىدا ئىپتارلىق بېرىدۇ.

ساكاريادا ھەر يىلىدىكىگە ئوخشاش بۇ يىلمۇ «مەھەللەمدە ئىپتارلىق بار» پىروگراممىسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ۋە 16ناھىيەدە رامىزان خۇشاللىقى داۋاملىشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، «موبىل پائالىيەت يۈك ئاپتوموبىلى» ھەر بىر ناھىيەنى نۆۋەت بىلەن ئايلىنىپ، ھاجىۋات كاراگۆز قاتارلىق ئويۇنلار كۆرسىتىلىدۇ. كىشىلەر ئاتاتۈرك كوچىسىدا رامىزان ئېيى بويىچە خىزمەت سۇنىدىغان كىتاب بازىرىدا، ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرى، پەلسەپەۋى، دىنىي، ئەدەبىي ۋە نۇرغۇن كاتېگورىيەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر بىلەن تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ.

كوجائەلىنىڭ ئىزمىت ناھىيەسىدىمۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت رامىزان كوچىسى تەييار قىلىدۇ. كىشىلەر رامىزان كوچىسى ۋە مەھەللىلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن رامىزان ئېيىنى تېخىمۇ رەڭدار ئۆتكۈزىدۇ. ئىزمىت ناھىيەلىك ھۆكۈمەت رامىزان ئېيىدا 15 كە يېقىن جايدا ئىپتارلىق بېرىدىغان بولۇپ، يۈزمىڭلارچە ئىزمىت خەلقى بىرلىكتە ئىپتار قىلىدۇ.

بولۇدا رامىزان بويىچە 12 مەھەللىدە ئىپتارلىق بېرىلىدۇ ۋە باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق تېخىمۇ كۈچەيتىلىدۇ.

رامىزان تەييارلىقلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان دۈزجە شەھەرلىك ھۆكۈمەت جەدىدىيە جامەسى ئالدىغا بازار ئاچتى. شەھەردە رامىزان بويىچە ئىپتار سۆھبەتلىرى، ساما ئۇسسۇللىرى كۆرسىتىلىدۇ.

بارتىن خەلقى ھەر خىل ئىپتار پىروگراممىلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئۇنىۋېرستېت ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇنلاشتۇرىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

زونگۇلداكتا 21-ئىيۇن زونگۇلداكنىڭ ئىشغالىيەتچى دۈشمەن كۈچلىرىدىن ئازاد قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئىپتارلىق بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر