ئاشىق قۇلۇپلىرى مۇساپىرلارنىڭ ئۈمىد چىرىقىغا ئايلاندى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ساياھەتچىلەرنىڭ سېئىنې دەرياسىدىكى كۆۋرۈكلەرگە ئېسىپ قويغان ئاشىق قۇلۇپلىرى باھا تالاشتۇرۇپ سېتىلدى.

731750
ئاشىق قۇلۇپلىرى مۇساپىرلارنىڭ ئۈمىد چىرىقىغا ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ساياھەتچىلەرنىڭ سېئىنې دەرياسىدىكى كۆۋرۈكلەرگە ئېسىپ قويغان ئاشىق قۇلۇپلىرىنىڭ باھا تالاشتۇرۇپ سېتىلىشىدىن كىرگەن كىرىم، مۇساپىرلارغا ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ.

ئاشىق قۇلۇپلىرى باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش پائالىيىتىدە جەمئىي 249 مىڭ 620 ياۋروغا سېتىلدى. ئاشقۇن ئوڭچى گۇرۇپپىلارنىڭ نارازىلىقلىرى تۈپەيلى بىر مەزگىل توختاپ قالغان باھا تالاشتۇرۇپ سېتىشتا، ئاشىق قۇلۇپلىرى ئەڭ كۆپ ئېسىلغان پونت دېس ئارتس كۆۋرۈكىنىڭ پارچىلىرىمۇ سېتىلدى.

ساياھەتچىلەر ئادەتتە بۇ كۆۋرۈككە كېلىپ قۇلۇپنى سالغاندىن كېيىن ئاچقۇچلىرىنى ئۆلۈمسىز سۆيگۈ – مۇھەببىتىنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە سېئىنې دەرياسىغا تاشلايدۇ.

2015 – يىلى كۆۋرۈكنىڭ يېقىلىپ كېتىشى خەۋپى نەزەردە تۇتۇلۇپ، ئېسىلغان قۇلۇپلار ئېلىۋېتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر