دۇنيا ياشلىرى چاناققەلئەدە ئۇچرىشىدۇ

چاناققەلئە 8 دۆلەتتىن كەلگەن 1500 ياشقا ساھىبخانلىق قىلىدۇ.

720035
دۇنيا ياشلىرى چاناققەلئەدە ئۇچرىشىدۇ
şafak ayini.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 8دۆلەتتىن 1500 ياش چاناققەلئەدە ئۇچرىشىدۇ.

تۈركىيە تەنتەربىيە فېدراتسىيەنىڭ «تىنچلىق دۆلىتى تۈركىيە»شوئارى ئاستىدا «خەلقئارا دوستلۇق غەلىبە قىلسۇن لايىھەسى»دائىرىسىدە 400ى چاناققەلئە ئۇرۇشىدا ئورۇن ئالغان7 دۆلەتتىن، 1100ى بولسا تۈركىيەدىن بولۇپ جەمئىي 1500 ياش چاناققەلئەدە ئۇچرىشىدۇ.

چاناققەلئە ئۇرۇشىدا ئورۇن ئالغان كانادا، ھىندىستان، يېڭى زېلاندىيە، ئاۋسترالىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېلىدىغان ياشلار، تۈركىيەنىڭ باشچىلىقىدا 28-ئاپرېلدىن 1-ئاپرېلغىچە چاناققەلئەدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ.

دوستلۇق، قېرىنداشلىق، بىرلىك ۋە باراۋەرلىك شوئارى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە تەنتەربىيەنىڭ جەمئىيەتنىڭ بارلىق قاتلىمىغا سىڭىپ كىرىشى مەقسەت قىلىنىدۇ.

بۇ دائىرىدە يەرلىك ۋە چەت ئەللىك پائالىيەتچىلەر ئاتا-بوۋىلىرى ئۇرۇش قىلغان جايلاردا بىرلىكتە تۈنەپ چىقىدۇ.

پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار تارىخىي يېرىم ئارىلىدا سەيىت ئون بېشى ھەيكىلى، نامازگاھ قورغىنى، رۇمئەلى ھامىدىيە قورغىنى، ئالچىتەپە، سەددۇلباھىر، شېھىتلار خاتىرە ئابىدىسىگە ئوخشاش جايلار يول باشلىغۇچى ئارقىلىق ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇلىدۇ. مەھتەران نومۇرلىرى، چاناققەلئە ناخشىلىرى ۋە يەرلىك نومۇرلارمۇ قويۇلىدۇ، تۈركىيەگە خاس مۇسابىقىلار ۋە ئويۇنلار پائالىيەتتە تونۇشتۇرۇلىدۇ.

پائالىيەتلەر ھاۋاغا شار قويۇلۇپ بېرىلگەندىن ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر