ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر

ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭ (مۈلكى، مەخلۇقاتى ۋە بەندىلىرى) دۇر، ھەممە ئىشلار ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ.

719083
ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئال ئىمران سۈرىسى، 109 – 115 - ئايەتلەر. ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭ (مۈلكى، مەخلۇقاتى ۋە بەندىلىرى) دۇر، ھەممە ئىشلار ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ[109]. (ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتىسىلەر. ئەگەر ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار) ئىمان ئېيتسا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئىشەنسە)، ئۇلار ئۈچۈن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۆمىنلەرمۇ بار، ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىقلاردۇر[110]. ئۇلار سىلەرگە ئازار بېرىشتىن باشقا ھېچقانداق زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ؛ ئەگەر سىلەر بىلەن ئۇرۇشسا، سىلەرگە ئارقىسىنى قىلىپ قاچىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ[111]. ئۇلارنىڭ قەيەردە بولمىسۇن ئاللاھنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايىسىدە بولغانلىرىدىن باشقىلىرى خارلىققا پېتىپ قالدى، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىدى. موھتاجلىققا چۆمدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ پەرمانىدىن چىقىپ كەتكەنلىكلىرى ۋە ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر[112]. ئۇلار بىرخىل ئەمەس، ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالاردىن) كېچىلىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان ۋە سەجدە قىلىپ تۇرىدىغان بىر جامائە كىشىلەر بار[113]. ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، خەيرلىك ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ؛ ئەنە شۇلار ياخشىلاردىندۇر[114]. ئۇلار ھەر قانداق ياخشىلىقنى قىلسۇن، ئۇ بىكار كەتمەيدۇ. ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئوبدان بىلىدۇ[115].

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر