مىسىردىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشقا قاتناشقان كىشىلەر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

مىسىردا 2013 – يىلقى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلارغا قاتناشقان 128 كىشى 3 يىلدىن 10 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

719533
مىسىردىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشقا قاتناشقان كىشىلەر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقلىغۇچىلار ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى ئەھمەد خەلىلى ئىسكەندەرىيە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ 126 كىشىنى 10 يىللىقتىن، 2 كىشىنى 3 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى، دېلىل يېتەرسىز دەپ قاراپ  سوتقا قاتناشمىغان 7 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، 35 جاۋابكارنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جاۋابكارلارنىڭ سوتنىڭ قارارىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش ھوقۇقى بار بولۇپ، سوتقا قاتناشمىغان جاۋابكارلار بولسا تەسلىم بولغاندىن كېيىن تەكرار سوتلىنىدىكەن.

مىسىردا دېموكراتىك سايلاملار ئارقىلىق ۋەزىپىگە ئولتۇرغان پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسى 2013 – يىلى 3 – ئىيۇل كۈنىدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئاغدۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىن، كۆپىنچىسىنى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى مەنسۇپلىرى تەشكىل قىلىدىغان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى يۈزلەرچە كىشى تۈرلۈك باھانە – سەۋەبلەر بىلەن قولغا ئېلىنىپ، سوتلىنىشقا باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر