ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى

مەريەم: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئىنساننىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا (يەنى ئەرلىك بولمىسام) قانداق بالام بولىدۇ؟» دېدى.

706509
ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئال ئىمران سۈرىسى، 46 – 53 - ئايەتلەر.  ئۇ بۆشۈكتىمۇ (يەنى بوۋاقلىق چېغىدىمۇ)، ئوتتۇرا ياش بولغاندىمۇ كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىنى) سۆزلەيدۇ ۋە (تەقۋادارلىقتا كامىل) ياخشى ئادەملەردىن بولىدۇ»[46]. مەريەم: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئىنساننىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا (يەنى ئەرلىك بولمىسام) قانداق بالام بولىدۇ؟» دېدى. پەرىشتە: «ئاللاھ خالىغىنىنى شۇنداق يارىتىدۇ (يەنى ئاتا ـ ئانا، ئارقىلىقمۇ ۋە ئۇنىڭسىزمۇ يارىتىدۇ). بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، ۋۇجۇدقا كېلىدۇ» دېدى[47]. ئاللاھ ئۇنىڭغا خەتنى، ھېكمەتنى (يەنى سۆز ھەرىكەتتە توغرا بولۇشىنى)، تەۋراتنى، ئىنجىلنى ئۆگىتىدۇ[48]. ئۇنى بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ. (ئۇ دەيدۇ) «شۈبھىسىزكى، سىلەرگە مەن رەببىڭلار تەرىپىدىن بولغان (پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم، مەن سىلەرگە لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدەك بىر نەرسە ياسايمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلەيمەن ـ دە، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن، ئۇ قۇش بولىدۇ. تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىمەن، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن، سىلەر يەيدىغان ۋە ئۆيۈڭلاردا ساقلايدىغان يېمەكلىكلەردىن خەۋەر بېرىمەن (يەنى سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئەھۋالىڭلارنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن). شۈبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىگە ئىشەنگۈچى بولساڭلار، بۇنىڭدا (يەنى مەن كەلتۈرگەن مۆجىزىلەردە) سىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (مېنىڭ راستلىقىمنى كۆرسىتىدىغان روشەن) ئالامەت بار[49]. مەن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغان ھالدا (كەلدىم)، سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن (كەلدىم). سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە (مېنىڭ ئەمرىمگە) ئىتائەت قىلىڭلار[50]. ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»[51]. ئىسا ئۇلارنى (يەنى يەھۇدىيلار) دىن كۇفرىنى (كۇفرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى) سەزگەن چاغدا: «ئاللاھ ئۈچۈن (ئاللاھقا دەۋەت قىلىش يولىدا) ماڭا كىملەر ياردەم بېرىدۇ؟» دېدى. ھەۋارىلار (يەنى ئۇنىڭ تەۋەلىرىدىن ھەقىقىي مۆمىنلەر) ئېيتتى: «ئاللاھ ئۈچۈن ساڭا بىز ياردەم بېرىمىز، ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق. گۇۋاھ بولغىنكى، بىز (پەيغەمبەرلىكىڭگە) بويسۇنغۇچىلارمىز[52]. پەرۋەردىگارىمىز! سەن نازىل قىلغان كىتابقا ئىشەندۇق، پەيغەمبەرگە ئەگەشتۇق، بىزنى (ھىدايىتىڭگە) شاھىت بولغانلار قاتارىدا قىلغىن»[53].

ئىسرائىل ئوغۇللىرىغا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر