ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدا «ئىنقىلاب» خاراكتېرلىك يېڭىلىق ئوتتۇرىغا چىقتى

سپېيس ئېكس (SpaceX) شىركىتى تۇنجى قېتىم ئىلگىرى «قويۇپ بېرىلگەن راكېتا» نى ناسانىڭ فلورىدادىكى مەركىزىدە قايتا قويۇپ بەردى.

703174
ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدا «ئىنقىلاب» خاراكتېرلىك يېڭىلىق ئوتتۇرىغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سپېيس ئېكس شىركىتى «SES-10» خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھىنى توشۇغان ۋە ئىلگىرى ئىشلىتىلگەن «Falcon 9» ناملىق راكېتادىن بىرنى، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ناسا (NASA) نىڭ فلورىدادىكى مەركىزىدىن شۇ يەر ۋاقتى 18:27 ئۆتكەندە قويۇپ بەردى.

سپېيس ئېكس شىركىتى: «راكېتانىڭ ئەڭ قىممەت بولىدىغان قىسمىدا خىراجەتنىڭ چۈشۈرۈلۈشى، ئالەم قاتنىشى نۇقتىسىدىن ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئىشتۇر» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

«Falcon 9» راكېتاسىنىڭ 62 مىليون دوللارغا توختىغانلىقىنى ۋە بىر قېتىمدىن كۆپ ئىشلىتىلگەندە ھەر قېتىملىق ئالەم قاتنىشى خىراجىتىنىڭ يېرىمغا يېقىن تۆۋەنلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بىراق، قايتىدىن ئىشلىتىلگەن راكېتا خىراجىتىنىڭ قانچىلىك بولغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئىككىنچى قېتىم ئىشلىتىلگەن راكېتا، 2016-يىلى ئاپرېل ئېيىدا خەلقئارالىق ئالەم پونكىتىغا ئەسلىھە يەتكۈزۈش ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

سپېيس ئېكس شىركىتى ئۆتكەن ئاي بايانات ئېلان قىلىپ، 2018-يىلى ئاي شارىغا ئىككى ساياھەتچىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا ھەق تۆلىنىپ بولغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر