ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار

ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار.

697027
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئال ئىمران سۈرىسى، 101– 108 - ئايەتلەر. سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئوقۇلۇۋاتقان (يەنى ۋەھيى ئۈزۈلۈپ قالماي ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى نازىل بولۇۋاتقان) ۋە ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (ھايات) تۇرغان تۇرسا، قانداقمۇ كاپىر بولۇسىلەر؟ كىمكى ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىدىكەن، ئۇ توغرا يولغا يېتەكلەنگەن بولىدۇ[101]. ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار[102]. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئاغامچىسىغا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار (يەنى سىلەردىن ئىلگىرى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار ئىختىلاپ قىلىشقاندەك، دىندا ئىختىلاپ قىلىشماڭلار). ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆزئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئاللاھنىڭ نېمىتى بىلەن ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار، سىلەر دوزاخ چۇقۇرىنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى (ئىسلام ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى. سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ[103]. سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر[104]. روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىشكەن ۋە ئىختىلاپ قىلىشقان كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ[105]. شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) بەزى يۈزلەر (يەنى مۆمىنلەرنىڭ يۈزلىرى) ئاقىرىدۇ، بەزى يۈزلەر (يەنى كۇففارلارنىڭ يۈزلىرى) قارىيىدۇ. يۈزى قارايغانلارغا (پەرىشتىلەر ئېيتىدۇكى) «ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن كاپىر بولدۇڭلارمۇ؟ كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار»[106]. يۈزى ئاقارغانلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدە (يەنى جەننەتتە) بولىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدا (يەنى جەننەتتە) مەڭگۈ قالىدۇ[107]. بۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇر، ئۇلارنى (ئى مۇھەممەد!) ساڭا راست ئوقۇپ بېرىمىز، ئاللاھ جاھان ئەھلىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ[108].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر