مارتىن لۇتىركىڭنى خاتىرىلەش كۈنىدە ترامپقا قارشى نامايىش قىلىندى

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا يۈزلەرچە كىشى مەشھۇر سىياسىي پائالىيەتچى مارتىن لۇتېركىڭنى خاتىرىلەش ئۈچۈن پىيادە يۈرۈدى.

653338
مارتىن لۇتىركىڭنى خاتىرىلەش كۈنىدە ترامپقا قارشى نامايىش قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىل (2017) ئامېرىكىدا رەسمىي دەم ئېلىش قويۇپ بېرىلىدىغان ۋە ھەر يىلى يانۋار ئېيىنىڭ ئۈچىنچى دۈشەنبىسى خاتىرىلىنىدىغان مارتىن لۇتىركىڭ كۈنى، كۆچمەنلەر ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى بىلەن دىققەت قوزغىغان ئامېرىكىنىڭ 45-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىشىدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرىگە توغرا كەلدى. مارتىن لۇتىركىڭنى خاتىرىلەش يۈرۈشى، ئەتىگەندە ئۇ 1963-يىلى نۇتۇق سۆزلىگەن لىنكولىن خاتىرە سارىيى يېنىدىكى مارتىن لۇتىركىڭنىڭ قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويۇش بىلەن باشلاندى ۋە ئارتىس نىك كەنون باشچىلىقىدىكى «مارتىن لۇتىركىڭ تىنچلىق يۈرۈشى» بىلەن داۋام قىلدى.

مارتىن لۇتىركىڭنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە، ئونلارچە ئىجتىمائىي تەشكىلات ھەر خىل سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن ئىشتىراك قىلدى، يۈزلەرچە كىشى ھەر خىل لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، پائالىيەتنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. پائالىيەتتە دونالد ترامپقا قارشى «مېنىڭ پىرېزىدېنتىم ئەمەس» دېگەن شوئار يېزىلغان لوزۇنكا ئالاھىدە دىققەت تارتتى.

نۇرغۇنلىغان يازغۇچى ۋە سەنئەتچىلەر تىللاردا داستان بولغان كىشىلىك ھەق-ھوقۇق قوغدىغۇچىسى مارتىن لۇتىركىڭنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە «پان ئامېرىكا جەمئىيىتى» كۈنلۈكى ئاستىدا، نىيۇ يورك ۋە بوستوندىكى خەلق كۇتۇپخانىلىرى ئالدىدا دونالد ترامپقا قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ، ماقالە ئوقۇدى. ئامېرىكا تەۋەلىكىدە باشقا 90 غا يېقىن جايدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدىغان خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

مارتىن لۇتىركېڭنىڭ 1963-يىلى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە 250 مىڭ كىشى قاتناشقان «خىزمەت ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا يۈرۈش» كىشىلىك ھوقۇق يۈرۈشىدە سۆزلىگەن «مېنىڭ ئارزۇيۇم» ناملىق نۇتۇقى، قارا تەنلىكلەرنىڭ ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان ئىدى.

مارتىن لۇتىركىڭ 1968-يىلى مېمفستا سۇيىقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۆلۈمىدىن توققۇز يىل كېيىن، يەنى 1977-يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جىمى كارتېر تەرىپىدىن «ئەركىنلىك مېدالى» غا لايىق كۆرۈلگەن ۋە ئۇنىڭ شەرىپى ئۈچۈن مارتىن لۇتىركىڭنى خاتىرىلەش كۈنى ئېلان قىلىنغان. سابىق پىرېزىدېنت رىگانمۇ مارتىن لۇتىركىڭنى خاتىرىلەش كۈنىنىڭ مىللىي بايرام بولۇشى تەكلىپ قىلىنغان قانۇننى كونگرە قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تەستىقلىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر