خامىلتون ھەلەبتىكى بالىلارغا ياردەم قىلىشنى چاقىرىق قىلدى
1-فورمۇلار مۇسابىقىلىرىدە ئۈچ قېتىم چىمپېيون بولغان بىرىتانىيەلىك لېۋىس خامىلتون ئىنسانلىق تىراگېدىيەسى يۈز بېرىۋاتقان ھەلەب شەھىرىدىكى بالىلارغا ياردەم قىلىشنى چاقىرىق قىلدى.
635490
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېرسېدېس شوپۇرى خامىلتون ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدىن ھەلەبتىكى كىچىك بالىلارغا ياردەم قىلىش توغرىسىدا ئۇچۇر تارقاتتى. ئۇ ئۇچۇرىدا: «مىڭلارچە كىچىك بالا ھەلەبتى قىيىنچىلىقتا قالدى. ب د ت بالىلارنى قوغداش فوندى قىيىنچىلىقتا قالغان ئائىلىلەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ» دېدى.
خامىلتون تارقاتقان ئۇچرىدا، ھەلەبتىكى ھۇجۇمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىر كىچىك بالىنىڭ فوتوگرافىغىمۇ ئورۇن ئاجراتتى.