ت ر ت يەنە مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى

ئانادولۇ پىروگرامما ئاڭلىتىش جەمئىيىتى تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت) نىڭ «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل»، «ئۆمۈر دېگىنىڭ» ۋە «سەۋدا قۇشنىڭ قانىتىدا» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئوخشىمىغان كاتېگورىيەلەر بويىچە مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

625628
ت ر ت يەنە مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادولۇ پىروگرامما ئاڭلىتىش جەمئىيىتى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئۈچۈن پايتەخت ئەنقەرەدە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مۇراسىمغا، مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مىنىستىرى مەھمەت مۈئەززىنئوغلۇ ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر قاتناشتى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش مۇراسىمدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ خەلقنىڭ دوللار ۋە ياۋرونى تۈركىيە لىراسىغا ئالماشتۇرۇش سەپەرۋەرلىك دولقۇنىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى، دوللار ئارقىلىق قىلىنىدىغان سودىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەج ۋە ئۆمرە ئىبادەتلىرى ھەققىنىڭمۇ لىرا بىلەن ھېسابلىنىپ ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ ئىنتايىن مۇھىم. تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىنى تارقىتىدىغانلار تۆلەيدىغان تۈركسات سۈنئىي ھەمراھى ھەققىمۇ تۈركىيە لىراسى بويىچە بولىدۇ. ئىنشائاللاھ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تۈركسات بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلىدۇ ۋە ھەققىنى تۈركىيە لىراسى بويىچە ئالىدۇ. بۇنى ئانادولۇ تاراتقۇسىغا پايدىلىق بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

تۈركىيە رادىيو-تېلېزىيە ئىدارىسى مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالدى. خەۋەر، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت تۈرى بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك پىروگرامما تارقىتىۋاتقان ت ر ت، يىلنىڭ ئەڭ ياخشى تېلېۋىزىيەسى بولۇپ باھالاندى. ت ر ت نىڭ مۇكاپاتىنى باش مۇدىر شەنول گۆكا مۇئاۋىن باش مۇدىر نۇمان قۇرتۇلمۇشتىن تاپشۇرۇۋالدى.

ت ر ت، ئانادولۇ پىروگرامما تارقىتىش جەمئىيىتىنىڭ بۇ قېتىمقى 2-نۆۋەتلىك ئانادولۇ مېدىيا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا ئوخشىمىغان بەش مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى. «سەۋدا قۇشنىڭ قانىتىدا» قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى، يىلنىڭ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولۇپ باھالاندى. «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» ناملىق قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ھالىمە خاتۇننىڭ رولىنى ئالغان ئەسرا بىلگىچ، يىلنىڭ ئەڭ ياخشى تېلېۋىزىيە تىياتىر ئارتىسى بولۇپ باھالاندى. «ئۆمۈر دېگىنىڭ» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم، يىلنىڭ ئەڭ ياخشى ھۆججەتلىك فىلىمى بولۇپ باھالاندى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن فىلىملەرنىڭ تېلېۋىزور ئېكرانىدا كۆرۈنۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ت ر ت مۇئاۋىن باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەنمۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر