«Göktürk-1» سۈنئىي ھەمراھى قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئىستىخبارات ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ياسالغان ئېنىقلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان «Göktürk-1» سۈنئىي ھەمراھى فىرانسىيە سۈنئىي ھەمراھ بازىسىدىن قويۇپ بېرىلدى.

624728
«Göktürk-1» سۈنئىي ھەمراھى قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىستىخبارات ئېھتىياجىنى جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىن ئېنىقلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان كۆرۈنۈشلەر بىلەن قامدايدىغان «Göktürk-1» سۈنئىي ھەمراھى فىرانسىيەنىڭ گۇياناسى سۈنئىي ھەمراھ مەركىزىدىن قويۇپ بېرىلدى.

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قاتنىشىشى ۋە تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە سانائەت مەسلىھەتچىلىكىنىڭ ساھىبخانلىقىدا، تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتى ئاكىنجى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، «Göktürk-1» سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىش جەريانى نەق مەيداندىن كۆرستىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇراسىمدا سۆز قىلدى. ئۇ تۈركىيەنىڭ يېڭى تېخنىكىلارنى ئىجاد قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «Göktürk-1» سۈنئىي ھەمراھىنىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى تىلىدى. ئۇ: «بۈگۈن ھەقىقەتەن ناھايىتى جۇشقۇنلۇق كەيپىيات ئىچىدىمەن. تېخىمۇ نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تېخىمۇ كۆپ لايىھەلەر بىزنى كۈتمەكتە» دېدى.

«Göktürk-1» سۈنئىي ھەمراھى تەخمىنەن 90 مىنۇتتا بىر قېتىم يەر شارىنى ئايلىنىپ، يىلىغا 60 مىڭدىن كۆپ رەسىملىك كۆرۈنۈشلەرنى ئەۋەتىدۇ. «Göktürk-1» سۈنئىي ھەمراھى ھەر قېتىم تۈركىيە ئاسمىنىدىن ئۆتكەندە ھەر قايسى جايلاردىن تارتىلغان رەسىم ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئىستانسىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. «Göktürk-1» سۈنئىي ھەمراھى دۇنيادىكى باشقا سۈنئىي ھەمراھلارغا قارىغاندا ئېنىقلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئىدارە-ئورگانلار ئۈچۈن مۇھىت ۋە قۇرۇلۇشلارنى كۆزىتىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بايقاش، چېگرا كۆزىتىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ساھەدە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر