تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى يىراق شەرق دۆلەتلىرىدىمۇ بازارغا سېلىنىدۇ

تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ سىنگاپۇر،خىتاي قاتارلىق يىراق شەرق دۆلەتلىرىدە بازارغا سېلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

623637
تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى يىراق شەرق دۆلەتلىرىدىمۇ بازارغا سېلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بىلەن مەشھۇر بولغان لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن كېيىن يىراق شەرق دۆلەتلىرىدىمۇ بازارغا سېلىنىدۇ.

تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن ئىستانبۇل سودا ئۇيۇشمىسى ھەمكارلىقى ئاستىدا 17-نۆۋەتلىكى 6-9 دېكابىر كۈنلىرى سىنگاپۇردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋە 5000دىن ئارتۇق كەسپىي خادىمنىڭ ئىشتىراك  قىلىشى بىلەن يىراق شەرقتىكى ئەڭ چوڭ يەرمەنكىلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان ئاسىيا تېلېۋىزىيە مۇنبىرىدە تونۇشتۇرۇلىدۇ.

تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ساھەسىگە نىسبەتەن يېڭى پورت ھېسابلىنىدىغان ئاسىيا تېلېۋىزىيە مۇنبىرى سىنگاپۇردا، تۇنجى قېتىم تۈركىيە بۆلۈمخانىسى ئېچىلىپ تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئىشلىگۈچىلىرىگە ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە سېتىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىلىدۇ. شۇنداقلا چەت ئەل مەبلەغچىلەرگە تەبىئىي فىلىم ماكانى بولغان تۈركىيەنىڭ فىلىم ئىشلەش ماكانلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن كېيىن «دۇنيادا ئەڭ كۆپ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئىمپورت قىلىدىغان 2-دۆلەت»سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن تۈركىيەدە تېلېۋىزىيە تىياتىرى ساھەسى «مىڭ بىر كېچە»، «فاتماگۇلنىڭ گۇناھى نېمە؟ »، «ئەزەل»، «قارا پۇل ئاشىق»، «سىلا»، «يوپۇرماقلارنىڭ تۆكۈلۈشى»، «چەكلەنگەن ئاشىق»قا ئوخشاش نۇرغۇن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بىلەن دۆلەت ئىقتىسادىغا مىليونلارچە دوللار كىرىم قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.

2001-يىلدا باشلاپ تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىي  جۇمھۇرىيەتلىرى،  بالقان، ئوتتۇرا شەرق ۋە لاتىن ئامېرىكىغا ئوخشاش رايونلاردا كەڭ تونۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ ساھەدە 2014-يىلى 200مىليون دوللار، 2015-يىلى 250 مىليون دوللار، بۇ يىل 300 مىليون دوللار كىرىم قىلىندى.

ھازىرغىچە چەت ئەلگە سېتىلغان تەخمىنەن 150 تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا، شەرقىي ياۋروپا، غەربىي ياۋروپا، ئاسىيا، ئامېرىكا، لاتىن ئامېرىكا قاتارلىق قىتئە ۋە رايونلاردىكى 100دىن ئارتۇق دۆلەتتە 500 مىليون كۆرۈرمەن بىلەن يۈز كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر