ئەردوغان بېلارۇسىيەدە مىنىسك جامەسىنى ئىشقا كىرىشتۈردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بېلارۇسىيەدە مىنىسك جامەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
608684
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكتە بۇنىڭدىن 54 يىل بۇرۇن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن چېقىۋېتىلگەن مىنىسك جامەسى تۈركىيەنىڭ ياردىمى ئارقىلىق قايتىدىن سېلىندى.
تەخمىنەن 100 مىڭ مۇسۇلمان ياشاۋاتقان بېلارۇسىيەدە 1890 – يىلى سېلىنغان، كېيىنچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئورنىغا مېھمانخانا سېلىش مەقسىتىدە چېقىۋېتىلگەن مىنىسك جامەسى تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئەسلىگە ئۇيغۇن ھالدا سېلىندى.
قۇرۇلۇشى 2014 – يىلى باشلانغان جامە بۈگۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر لۇكاشېنكو، دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور دوكتور مەھمەت گۆرمەز ۋە ياۋروئاسىيا دىنىي ئىشلار ۋەكىلى قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئېچىلدى.