دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز باغچىسى

ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاي قاتارلىق 24 دۆلەت بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلىكتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز باغچىسىنى قۇرىدۇ.

599076
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز باغچىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا، رۇسىيە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 24 دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئانتاراكتىكا قىتئەسىدە كۆلىمى 1.55 مىليون كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز باغچىسى قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشتى. باغچا دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئېكولوگىيەلىك دېڭىز ھېسابلىنىدىغان روس دېڭىزى (Ross) دا قۇرۇلىدىغان بولۇپ، 35 يىل بويىچە بېلىق تۇتۇپ سودا قىلىش چەكلىنىدۇ. دېڭىزدا 10 مىڭدىن ئارتۇق بېلىق تۈرى بار. باغچىدا كىلىمات ئۆزگىرىش نەتىجىلىرىمۇ كۆزىتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر