يالغان ماي بوياق رەسىم سەنئەت دۇنياسىدا داۋالغۇش پەيدا قىلدى

سەنئەت دۇنياسى بىر يالغان ماي بوياق رەسىم سەتچىلىكى بىلەن داۋالغۇماقتا؛ دۇنيا ماي بوياق رەسىملەر بازىرىدا قىممەت باھالىق ئونلارچە ساختا ماي بوياق رەسىمنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنماقتا...

588057
يالغان ماي بوياق رەسىم سەنئەت دۇنياسىدا داۋالغۇش پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەنئەت دۇنياسى بىر يالغان ماي بوياق رەسىم سەتچىلىكى بىلەن داۋالغۇماقتا؛ ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش ئورنىSotheby's  نىڭ بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرى 10 مىليون 600 مىڭ دوللارغا ساتقان گوللاندىيەلىك رەسسام فرانس خالسنىڭ «ناتونۇش ئادەم» ناملىق ماي بوياق رەسىمىنىڭ ساختا ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

رەسىمنىڭ ئىگىسى بولغان ئامېرىكىلىق ئاسارە – ئەتىقىلەرنى توپلىغۇچى، ساختا ماي بوياق رەسىمگە ئالاقىدار بىر خەۋەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، قولىدىكى ئەسەرنىڭمۇ مەزكۇر ساختا رەسىمنى ساتقۇچىدىن سېتىۋېلىنغانلىقىنى ، شۇڭا ئۇنىڭمۇ ساختا بولۇش ئېھتىماللىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش مەركىزىگە ئىلتىماس سۇندى. نەتىجىدە باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش مەركىزى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، رەسىمنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى.

سەنئەت يادىكارلىقلىرى بازىرى مۇتەخەسىسسلىرى، ئارقا – ئارقىدىن كەلگەن ساختا ماي بوياق رەسىم ۋەقەلىرىگە <بىر ئەسىرنىڭ ئەڭ ئېغىر سەنئەت سەتچىلىكى> دەپ باھا بەردى.

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئەڭ كۈچلۈك ئەندىشە ماھىرلىق بىلەن تەييارلانغان كۆپلىگەن ساختا سەنئەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بازارلاردا ئايلىنىپ يۈرگەن بولۇشى ئىكەن.

نۆۋەتتە بازارلاردا 250 مىليون دوللار قىممىتىدىكى 25 ئەتراپىدا ساختا ماي بوياق رەسمىي بار بولۇشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر