تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شەنول گۆكا ماكېدونىيە پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى
بالقان ئەللىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇچرىشىشى ئۈچۈن ماكېدونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شەنول گۆكا ماكېدونىيەنىڭ تۇنجى رۇمېن پىرېزىدېنتى مۇستافا نەجدەت بىلەن كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستافا نەجدەت ماكېدونىيەگە نىسبەتەن تۈركىيەنىڭ ناھايىتى مۇھىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
شەنول گۆكا 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى كېچىسى ماكېدونىيەلىكلەر تۈركىيە خەلقىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ماكېدونىيەگە رەھمەت ئېيتتى.
تۈركىيە – ماكېدونىيە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان بولۇپ، بۇ 15 – ئىيۇل كېچىسىمۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى.
15 – ئىيۇل كېچىسى تۈركىيەدىن يۈزلەرچە كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان ماكېدونىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەر، ئالبانلار، بوشناقلار ۋە رۇمېنلەر تۈركىيە خەلقىنىڭ كۈرىشىنى قوللاش يۈزىسىدىن كوچىلارغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزگەنىدى.
دۇنيادىكى بىردىن - بىر رومېن تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭمۇ ساھىبى بولغان مۇستافا نەجدەت شەنول گۆكا رەھبەرلىكىدىكى TRT دىن ماكېدونىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرىغا ياردەم بېرىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىلىرىنى ئېيتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى تۇنجى ئوپېرا ئوينالدى
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تۇنجى چوڭ ئوپېرا پايتەخت رىيادتا تۇنجى قېتىم ئوينالدى.