مېھمانخانىنىڭ ئۆرۈلۈشى كۆڭۈل ئېچىشقا ئايلاندى

ئامېرىكانىڭ لاس ۋىگاس شەھىرىدىكى تارىخىي رىۋىيېرا مېھمانخانىسىنى ئۆرۈش، خۇددىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە ئوخشاپ قالدى.

553918
مېھمانخانىنىڭ ئۆرۈلۈشى كۆڭۈل ئېچىشقا ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رىۋىيېرا مېھمانخانىسى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئېتىلداق ۋە ساليوتلار ئېتىلغان ھالدا ئۆرۈلدى. 60 يىللىق تارىخقا ئىگە مېھمانخانىنىڭ ھەربىر قەۋىتىگە قويۇلغان دىنامىتلارنىڭ نۆۋەت بىلەن پارتلىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان مەنزىرە كىشىلەرنى جەلپ قىلدى. بىر قانچە سىكۇنت ئىچىدە چوڭ بىر بىنا چاڭ-تۇمانلار دۆۋىسىگە ئايلاندى. مىڭلارچە ئادەم مېھمانخانىنىڭ ئۆرۈلۈشىنى كۆردى. لاس ۋىگاس يىغىن ۋە زىيارەتچىلەر كېڭىشى 2 مىڭ 75 ياتاقلىق مېھمانخانىنى سېتىۋالغان بولۇپ، 2015-يىلى ماي ئېيىدا تاقىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر