ھەر قانداق ئادەم ئۆمرىدە كۆرۈشكە تېگىشلىك جايلاردىن ئىككىسى تۈركىيەدە

ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆمرىدە چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك جايلاردىن ئىككىسىنىڭ تۈركىيەدە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

552950
ھەر قانداق ئادەم ئۆمرىدە كۆرۈشكە تېگىشلىك جايلاردىن ئىككىسى تۈركىيەدە
süleymaniye camii.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھاياتىدا چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك ئىككى  جاي بار.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى سودا ۋە تېخنولوگىيەگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى تارقىتىدىغان Business Insider ناملىق تور بېتى، ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھاياتىدا بىر قېتىم بولسىمۇ چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك ئىمارەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

تىزىملىكتە چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك جايلاردىن ئىككىسىنىڭ تۈركىيەدە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، تۇنجىسى شانلىئۇرفادىكى مىلادىدىن بۇرۇنقى 9500-يىللاردا سېلىنغانلىقى تەخمىن قىلىنغان دۇنياغا مەشھۇر گۆبەكلى تۆپىلىكىدۇر. «ئۆلۈشتىن بۇرۇن چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك جايلار»قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن گۆبەكلى تۆپىلىكى، مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم ئىپادىلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.  

گۆبەكلى تۆپىلىكىنىڭ نېمىگە خىزمەت قىلىدىغانلىقى مەسىلىسىدە ئېنىق قاراش بولمىسىمۇ مۇتەخەسسىلەر بۇ ئىمارەتنىڭ دىنغا خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە سېلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

تىزىملىكتە تۈركىيەدە چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك يەنە بىر ئىمارەت سۇلايمانىيە جامەسى بولۇپ، بۇ جامە 1551-يىلدىن 1558- يىلغىچە ياسالغان، جامە تۈركىيەدىكىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكىمۇ ئەڭ ھەيۋەتلىك جامەلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. مىمار سىناننىڭ شاگىرتلىق دەۋرىنىڭ ئەسىرى بولغان ۋە قانۇنىي سۇلتان سۇلايمان ئۈچۈن سېلىنغان بۇ ئىمارەت ئىچىدە، جامە، مەدرىسە ۋە باشقا ئورۇنلار بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر