تۈركىيەدىكى چوڭ – كىچىك تەشكىلاتلار رامىزاندا مەزلۇملارنى باغرىغا باسماقتا

تۈركىيەدىكى چوڭ – كىچىك تەشكىلاتلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەزلۇملارنى باغرىغا باسماقتا.

516113
تۈركىيەدىكى چوڭ – كىچىك تەشكىلاتلار رامىزاندا مەزلۇملارنى باغرىغا باسماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى، ئونلارچە چوڭ – كىچىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم جەمئىيەتلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مەزلۇملار، غېرىب – مىسكىنلەر ۋە ئېھتىياجلىق كىشىلەرنى باغرىغا باسماقتا. رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن مەڭگۈ ئۈزۈلمەس دوستلۇق رىشتىسى ئورناتماقتا. دۇنيادىكى ئېھتىياجلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا ناھايىتى ئايانكى، ئۇلار روزا تۇتۇشقا نىيەت قىلسىلا بولدى. كەچتە قانداق ئىپتار قىلارمىز؟ سوھۇردا نېمە يەرمىز؟ دەپ غەم قىلىشىنىڭ ھاجىيى يوق. تۈركىيە تەرەپكە يۈزلەنسىلا بولدى، بېشىنى كۆتۈرۈپ، «ئېھتىياجىمىز بار» دېگەن ھامان تۈرك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ دەرھال دەردلىرىگە دەرمان بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.

تۈركىيە ئەنە شۇنداق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرى سايىسىدا سالغان كۆڭۈل كۆۋرۈكلىرى ئارقىلىق دۇنيادىكى قەددىنى تىك تۇتۇپ ئايلىنىۋاتقان نادىر دۆلەتلەردىن بىرى. دەرۋەقە بۇ پائالىيەتلىرىنىڭ سايىسىدا پۈتكۈل دۇنيانى ئۆز دۆلىتىدەك كۆرىدۇ. ھەرقانداق بىر تۈرككە ئايانكى، دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىغا بارسا، ئۆزىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغان نۇرغۇنلىغان دوست – بۇرادەرلىرى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر