تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ رامىزان پائالىيەتلىرى
تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى ئۇزۇندىن بۇيان ياردەم قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن رامىزانغا خاس خىزمەت ئىشلەشكە باشلىدى. غەززە، سومالى، باڭلادېش، ئافغانىستان، پاكىستان، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىشلىنىۋاتقان تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تاماملىدى. ئارقىدىنلا جەمئىيەت 27 دۆلەتتە رامىزان ياردەملىرى پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇردى. جەمئىيەتنىڭ پىلانى مەملىكەت ئىچى - سىرتىدا جەمئىي 100 مىڭ يېمەك - ئىچمەك يېشىكلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تارقىتىش بولۇپ، ھەر بىر يېشىكتىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرى 5 كىشىلىك بىر ئائىلىنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنى قامدىيالايدۇ. يەنى 500 مىڭ كىشى بۇ ياردەم ئارقىلىق تۈركىيە خەلقىنىڭ خەير – ساخاۋىتىدىن بەھرىمەن بولماقتا. سومالىدا كۈنىگە 8 مىڭ كىشىلىك يېمەك - ئىچمەك تارقىتىلماقتا. خالىغانلار ئۈچۈن سوھۇرلۇقمۇ بېرىلمەكتە. غەززەدە ۋە ئىراقتا ئىپتار چېدىرلىرى قۇۇرلماقتا، جەمئىيەتنىڭ بۇ پائالىيەتلىرىنى قوللاشمۇ ئىنتايىن قولاي بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتى ئارقىلىق تۈركىيە خەلقىنىڭ مېھرى - شەپقەت كارۋىنىغا قېتىلىش مۇمكىن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى تۇنجى ئوپېرا ئوينالدى
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تۇنجى چوڭ ئوپېرا پايتەخت رىيادتا تۇنجى قېتىم ئوينالدى.