ئەردوغان: ئىسلامنىڭ نىشانى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسلام دىنىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

508095
ئەردوغان: ئىسلامنىڭ نىشانى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلىنىڭ مېيت نامىزىغا قاتنىشىش ئۈچۈن زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا بەرگەن باياناتىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇھەممەد ئەلىنىڭ مېيت نامىزىدا مىللىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان كىشىلەر بىر يەرگە جەم بولدى. ئىسلامنىڭ نىشانىمۇ، مۇسۇلمانچىلىقنىڭ نىشانىمۇ دەل مۇشۇ. بىز مانا مۇشۇنداق بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىمىزنى كۈچەيتكەن، تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغان تەقدىردە، مۇسۇلمانلارمۇ، ئىنسانىيەت دۇنياسىمۇ تىنچلىققا ئېرىشەلەيدۇ، ھۇزۇر – ھالاۋەتلىك ياشاش ئىمكانىيىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە، ئەردوغان بۈگۈن بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككىنچى مۇراسىمنى كۈتمەستىن تۈركىيەگە قايتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر