بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلىنى ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇش مۇراسىمى بۈگۈن باشلىنىدۇ

ئامېرىكىدا 3 – ئىيۇن كۈنى نەپەس سىقىلىش كېسەللىكى سەۋەبىدىن 74 يېشىدا بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلىنى ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇش مۇراسىمى بۈگۈن لۇسۋىللېدە چۈشۈرۈلىدىغان مېيت نامىزى ئارقىلىق باشلىنىدۇ.

507156
بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلىنى ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇش مۇراسىمى بۈگۈن باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇدا ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان مۇراسىمغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ. تەخمىنەن 600 مىڭ نوپۇسى بار شەھەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىملار بۈگۈن ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 19 دا چۈشۈرۈلىدىغان مېيت نامىزى بىلەن باشلىنىدۇ. مۇراسىملارغا ئىمام زائىد شاكىر رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

مۇھەممەد ئەلى 1960 – يىلى تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگە چۈشكەن « Freedom Hall » زالىدا قىلىنىدىغان مېيت نامىزىىغا 15 مىڭ ئەتراپىدا مۇسۇلماننىڭ ئىشتىراك قىلىشى كۈتۈلمەكتە. مۇھەممەد ئەلى ئەتە Cave Hill  قەبرىستانلىقىدا دەپنە قىلىنىدۇ. ئۇ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۆينىڭ ئالدىغا سېلىنغان «مۇھەممەد ئەلى مەركىزى» ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلار تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنماقتا. ياخشى كۆرىدىغانلار مەركەزنىڭ ئەتراپىغا گۈللەر ۋە ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈسى ئىزھار قىلىنغان خەتلەرنى قالدۇرۇپ قويماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر