گىرېتسىيەنىڭ ئاياسوفيادا قۇرئان ئوقۇلۇشىدىن بىئارام بولغانلىغا رەددىيە بېرىلدى

تانجۇ بىلگىچ: «ئۆزىنىڭ پايتەختىدە شۇنچە يىللاردىن بۇيان جامە قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەي كېلىۋاتقان ۋە ئىسلامغا بولغان قارشىلىقىنى زامانىۋېلىشىش بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋالغان گىرېتسىيەنى ئۇسلۇب جەھەتتە ۋە باياناتلىرىدا ساغلام ئەقىلنى ئىشقا سېلىشقا دەۋەت قىلىمىز.»

506534
گىرېتسىيەنىڭ ئاياسوفيادا قۇرئان ئوقۇلۇشىدىن بىئارام بولغانلىغا رەددىيە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ، ئاياسوفيادا رامىزان ئېيى بويىچە قۇرئان كىرىم ئوقۇلىدىغانلىقىغا دائىر گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىئاراملىقى تىلغا ئېلىنغان باياناتىنىڭ قەتئىي قوبۇل قىلارلىقى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.    
تانجۇ بىلگىچ، مەسىلە ھەققىدىكى بىر سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا، ت ر ت دىيانەت تېلېۋىزىيەسى تەرىپىدىن رامىزان ئېيى بويىچە ئاياسوفيادا تارقىتىلىدىغان «بەرەكەت ۋاقتى ئاياسوفيا» ناملىق پىروگراممىغا دائىر گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتلىرىنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 
تانجۇ بىلگىچ: «ئۆزىنىڭ پايتەختىدە شۇنچە يىللاردىن بۇيان جامە قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەي كېلىۋاتقان، غەربىي تراكيادىكى تۈركلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكلىرىگە داۋاملىق توسالغۇلۇق قىلىپ كېلىۋاتقان ۋە ئىسلامغا بولغان قارشىلىقىنى زامانىۋېلىشىش بىلەن ئارىلاشتۇرىۋالغان گىرېتسىيەنى ئۇسلۇب جەھەتتە ۋە باياناتلىرىدا ساغلام ئەقىلنى ئىشقا سېلىشقا دەۋەت قىلىمىز. بۇ نۇقتىدا زامانىۋى، دېموكراتىك ۋە سېكولار جەمئىيەتلەرنىڭ قىممەت قاراشلىرى ئارىسىدا باشقا دىنلارغا ۋە ئىبادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنىڭمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى خالايمىز» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر