ئەردوغان مۇھەممەد ئەلىنىڭ مېيت نامىزىغا قاتنىشىدۇ

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىغا يېتىپ بېرىپ، دۇنياغا داڭلىق بوكس ماھىرى مۇھەممەد ئەلىنىڭ كېنتاكى ئىشتاتىنىڭ لۇئىۋىل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مېيت نامىزىغا قاتنىشىدۇ.

505353
ئەردوغان مۇھەممەد ئەلىنىڭ مېيت نامىزىغا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە مۇھىم ئورون تۇتىدىغان مۇھەممەد ئەلىنىڭ مېيت نامىزىغا قاتنشىشىش ئۈچۈن چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىغا قاراپ يولغا چىقىدىكەن ھەمدە پەيشەنبە كۈنى  ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئىمام زائىد شاكىر تەرىپىدىن چۈشۈرۈلىدىغان مېيت نامىزىغا ئىشتىراك قىلىدىكەن، جۈمە كۈنى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان مۇھەممەد ئەلىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر