رېمبىرانتنىڭ 400 يىللىق ماي بۇياق رەسىمى تېپىلدى
رېمبىرانتنىڭ ئامېرىكىدا بىر ئۆينىڭ يەر ئاستى قەۋىتىدىن تېپىلغان بىر پارچە رەسىمى كالىفورنىيەدىكى بىر مۇزىېيدا كۆرگەزمە قىلىنىشقا باشلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەنئەت تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم رەسساملىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان رېمبىرانتنىڭ ئامېرىكىدا بىر ئۆينىڭ يەر ئاستى قەۋىتىدىن تېپىلغان بىر پارچە رەسىمى كالىفورنىيەدىكى بىر مۇزىېيدا كۆرگەزمە قىلىنىشقا باشلىدى.
رېمبىرانتنىڭ 1624 – يىلى ياشلىق مەزگىلىدە سىزغان مەزكۇر ئەسىرى ئامېرىكىنىڭ نىيوجېرسېي ئىشتاتىدا ئوتتۇرىغا چىقتى. رەسىمنىڭ ئىگىسى 800 دوللار ئەتراپىدا سېتىلىشى مۇمكىن، دەپ ئويلىغان ئەسەرنى باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش مەركىزىگە ئېلىپ باردى. باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش ئورنىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئەسەرنىڭ قىممىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نامايەن بولدى؛ رېمبرانتنىڭ ئەسىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن ئەسەرنىڭ باھاسى 1 مىليون 100 دوللارغا ئۆرلىدى.
ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆيىنى تازىلىغان ياشلار تەرىپىدىن ئۆينىڭ يەر ئاستى قەۋىتىدىن تېپىلغان رەسىمنىڭ قىممىتى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، كالىفورنىيەدىكى پول گېتتى مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنىشقا باشلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى تۇنجى ئوپېرا ئوينالدى
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تۇنجى چوڭ ئوپېرا پايتەخت رىيادتا تۇنجى قېتىم ئوينالدى.