بەش مىڭ يىللىق سۆڭەك...

5 مىڭ يىللىق سۆڭەك ئانادولۇ تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

487533
بەش مىڭ يىللىق سۆڭەك...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تارىخى 8 مىڭ 500 يىل بۇرۇنقى دەۋرگىچە سوزۇلىدىغان ئىزمىردىكى يېشىلئوۋا تۆپىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋامىدا 5 مىڭ يىللىق ئىسكىلىتقا ئائىت چېكە سۆڭىكىنىڭ  DNA  سى تېپىلدى.

DNA نى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئانادولۇنىڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەلۇماتلارغا ئېرىشىش كۈتۈلمەكتە.

ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنىڭ رىياسەتچىسى پىروفېسسور دوكتور زافەر دەرىن يېشىلئوۋا تۆپىلىكىدە ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىشتىن مەقسەتنىڭ پەقەت تارىخىي يادىكارلىقلارنىلا تېپىش ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭدىن ئىلمىي خىزمەتلەرگىمۇ ھەسسە قوشۇش نىشان قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر