35 – نۆۋەتلىك ئىستانبۇل فىلىم فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلىدۇ
35 – نۆۋەتلىك ئىستانبۇل فىلىم فېستىۋالىدا 62 دۆلەتتىن كەلگەن 223 رېژىسسورنىڭ فىلىملىرى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.
452483
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل فىلىم فېستىۋالى 7 – ئاپرېلدىن 17 – ئاپرېلغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، فېستىۋالدا مەملىكەتلىك قىسقا فىلىم مۇسابىقىسىمۇ ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. «ئالتۇن لالە»، «سەيفى تەئومان ئەڭ ياخشى تۇنجى فىلىم»، «ئودېنتىيا»، «سىنى يۇروپ» قاتارلىق مۇكاپاتلار تارقىتىلىدۇ.