ئوسكار مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى

88 – نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتلىرىنى تارقىتىش مۇراسىم كېچىلىكى ئامېرىكانىڭ لوس ئانژېلىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

441628
ئوسكار مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ لوس ئانژېلىس شەھىرىدە ئوسكار مۇكاپاتلىرىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا، «Spotlight» فىلىمى «ئەڭ ياخشى فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. «Mad Max» فىلىمى ئوخشىمىغان ئالتە تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشتى. مېكسىكىلىق رېژىسسور ئالېجاندرو ئىنرىتۇ ئىككى يىل ئارقىمۇ ئارقا «ئەڭ ياخشى رېژىسسور» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

«تىرىلىش» فىلىمىنىڭ «ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن لېئوناردو دېكاپرىيو تۇنجى ئوسكار مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالدى. «ھۇجرا» ناملىق فىلىمدە رول ئالغان بىرى لارسىن «ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

«دانىيەلىك قىز» فىلىمىدە رول ئالغان ئالىسيا ۋىكېندىر «ئەڭ ياخشى ياردەمچى ئايال ئارتىس» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى. «جاسۇسلار كۆۋرۈكى» فىلىمىدە رول ئالغان مارك رايلىنىس «ئەڭ ياخشى ياردەمچى ئەر ئارتىس» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر