ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ 37 – يىللىقى تەبرىكلەندى

ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ 37 – يىللىقى پايتەخت ئەنقەرەدە بېرىلگەن زىياپەت ئارقىلىق تەبرىكلەندى.

430728
ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ 37 – يىللىقى تەبرىكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زىياپەتتە ئىراننىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى ئەلى رىزا بىگدەلى مېھمانلىرىنى ئىشىك ئالدىدا قارشى ئالدى.

زىياپەتكە تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى جەۋدەت يىلماز ۋە دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن سىرت يەنە كۆپ ساندىكى شەخسلەر قاتناشتى.

جەۋدەت يىلماز زىياپەتتە قىلغان سۆزىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشىدىن ئىنتايىن خۇرسەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر