PEGIDA 14 شەھەردە ياۋروپانىڭ ئىسلاملىشىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزىدۇ

ئىسلام دىنى ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى PEGIDA ھەرىكىتى ياۋروپادىكى 14 شەھەردە ياۋروپانىڭ ئىسلاملىشىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزىدۇ.

427793
PEGIDA  14 شەھەردە ياۋروپانىڭ ئىسلاملىشىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزىدۇ
PEGIDA

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزىنى «غەربنىڭ ئىسلاملىشىشىغا قارشى ۋەتەنپەرۋەر ياۋروپالىقلار» دەپ ئاتىۋالغان PEGIDA ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرى «ۋەتەنپەرۋەرلەر كۈنى» ئېلان قىلغان 6 – فېۋرال كۈنى لوندون، ۋارشاۋا، تاللىن، پراگ، گراز، براتىسلاۋا، ئامىستېردام ۋە بىرمىڭخام قاتارلىق 14 شەھەردە « ياۋروپانىڭ ئىسلاملىشىشىغا قارشى» كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزىدۇ.

ئەڭ چوڭ نامايىش 2014 – يىلى ئۆكتەبىردە PEGIDA ھەرىكىتى قۇرۇلغان گېرمانىيەنىڭ درېسدېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مۆلچەرلىنىشىچە، درېسدېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشقا 10 مىڭ كىشى ئىشتىراك قىلىدىكەن، باشقا شەھەرلەردىكى نامايىشلارغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى بولسا بۇنىڭدىن تۆۋەن بولىدىكەن.

كۆچمەنلەر كىرىزىسى سەۋەبىدىن گېرمانىيەدە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشكە باشلىغان PEGIDA ھەرىكىتىنىڭ مەسئۇللىرى تەشكىلاتىنى ياۋروپاغا يېيىش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەردىكى ئىسلام ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر