شىئەرلەر كەربالا شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

ئىران مىقياسىدا ھەزرىتى ھۈسەيىن ۋە 72 سەپدىشىنىڭ ئىراقنىڭ كەربالا شەھىرىدە شېھىت قىلىنىشىنىڭ «40- كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ماتەم مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى.

147861
شىئەرلەر كەربالا شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىئەلەر «ئەربەئىين» دەپ ئاتايدىغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ھەزرىتى ھۈسەيىن بىلەن ئۇنىڭ 72 سەپدىشىنىڭ ئىراقنىڭ كەربالا شەھىرىدە شېھىت قىلىنغانلىقىنىڭ «40- كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئىران مىقياسىدا ماتەم مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى.

پايتەخت تېھراندىكى ماتەم مۇراسىمى ئۈچۈن ئىمام ھۈسەيىن مەيدانىغا توپلانغان ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭلارچە كىشى شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى ئابدۇلئەزىم قەبرىستانلىقىغا قاراپ يۈزىدى. يول بويىچە خەلققە نەزىر تائاملىرى ۋە ئىچىملىكلەر تەقدىم قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن قەبرە بېشىغا توپلانغان كىشىلەر، ئوقۇلغان مەرسىيەلەرگە جۇر بولۇپ قوللىرىنى مەيدىلىرىگە ئۇرغان ھالدا يىغلاشتى.

ماتەم مۇراسىمى ئىشتىراكچىلىرى پېشىن نامىزىنى جامائەت بولۇپ ئوقۇغاندىن كېيىن «يا ھۈسەيىن»، «يا زەينەب» ۋە «يا ئابباس» دەپ توۋلىغان ھالدا، ماتەم مۇراسىملىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى مەنسۇپ، دەپ قارايدىغان مەسچىتلەرگە قاراپ ھەرىكەت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر