«گېرمانىيە جەمئىيىتىدە ئىسلاملىشىش خەۋپى يوق»

يېقىندىن بۇيان ئەۋج ئېلىپ كېتىۋتقان ئسىلامغا قارشى نامايىشلار ھەققىدە سۆز قىلغان گېرمانىيە فېدېرال ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى توماس دې مايزىئېرې، گېرمانىيە جەمئىيىتىدە ئىسلاملىشىش خەۋپىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

147299
«گېرمانىيە جەمئىيىتىدە ئىسلاملىشىش خەۋپى يوق»

كۆلىندە چاقىرىلغان ئشتاتلار ئارا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن مايزىئېرې، گېرمانىيەدىكى ئاممىۋى ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز» دېدى. دۆلەتتە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ جەمئىيەت بىلەن بىر گەۋدىلەشكەنلىكىنى تەكىتلىگەن مايزىئېرې، «مۇسۇلمانلار بۇ دۆلەتتە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مېھنەت قىلىپ، قار – تەن ئاققۇزماقتا، باج تۆلىمەكتە، گېرمان تىلىدا سۆزلەشمەكتە، قىسقىسى، گېرمانىيە جەمئىيىتى بىلەن پۈتۈنلەشمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، گېرمانىيە پۇتبول كوماندىسى جەڭگە چۈشكەن ھامان قوللىماقتا ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئاشقۇنلۇقتىن يىراق ئىكەنلىكلىرىنى نامايەن قىلماقتا» دېدى. ئىنسانلارنىڭ ئەندىشىلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن مايزىئېرې، «غەربنىڭ ئىسلاملىشىشىغا قارشى كۈرەش قىلغۇچى ياۋروپالىقلار» ناملىق گۇرۇپپىنىڭ ئىسلامغا قارشى نامايىشلىرىدا بۇ ئەندىشىلەرنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى. شىمالىي رېن ۋېستفاليا ئۆلكىسى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رالف جەگېر بولسا، ئاشقۇن ئوڭچىللارنىڭ بۇ ئەندىشىلەرنى ئۆز مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا جەمئىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلارنىڭ نىقابلىرىنى يىرتىپ تاشلاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، ئىنسانلارنى دۈشمەن قىلىشنىڭ ئورنىغا ياردەم قولىنى سۇنۇش لازىملىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر