30 مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە تاشقاتما تېپىلدى

چورۇمنىڭ سۇنگۇرلۇ ناھىيەسىدە، بىر مال باققۇچىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسەن كەركىدان تاشقاتمىسى تېپىلدى

124279
30 مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە تاشقاتما تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 30 مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە تاشقاتما تېپىلدى.
چورۇمنىڭ سۇنگۇرلۇ ناھىيەسىدە، بىر مال باققۇچىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسەن كەركىدان تاشقاتمىسى تېپىلدى.
تاشقاتمىنىڭ بۇنىڭدىن 30 مىليون يىل ئىلگىرىكى دەۋىرگە ئائىت ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.
رايوندا، كان بايلىقلىرىنى قېزىش، قىدىرىپ تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى ھەيئەتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە 60 دانە ناھايىتى چوڭ كەركىدان تاشقامىسى تېپىلدى.
گېئولوگىيە ئېنژىنېرى نەشە ئويال، «تاشقاتمىلار ئەركەك كەركىدانلارغا ئائىت بولۇپ، ھەر بىر تاشقاتمىنىڭ ئېغىرلىقى 10 توننىدىن، مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى 5 مېتىردىن ئارتۇق كېلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا» دېدى.
بۇنىڭدىن 30 مىليون يىل ئىلگىرىكى دەۋىرگە ئائىت ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنىۋاتقان تاشقاتمىلار، ھايۋانلارنىڭ كۆچۈش يوللىرى توغرىلىقمۇ مۇھىم يىپ ئۇچلىرىنى بەرمەكتە.
تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەتقىق قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئۇدا 2 يىل داۋاملىشىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر