ئوتتۇرا ئاسىيادىن بالقان رايونىغىچە ناخشا - مۇزىكا كۆۋرۈكى...

5 - نۆۋەتلىك خەلقئارا تۈركچە ناخشا - مۇزىكا فېستىۋالى، 10 - 13 - سېنتەبىر كۈنلىرى دېنىزلىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

114798
ئوتتۇرا ئاسىيادىن بالقان رايونىغىچە ناخشا - مۇزىكا كۆۋرۈكى...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا ئاسىيادىن بالقان رايونىغىچە – ناخشا - مۇزىكا كۆۋرۈكى...
5 - نۆۋەتلىك خەلقئارا تۈركچە ناخشا - مۇزىكا فېستىۋالى، 10 - 13 - سېنتەبىر كۈنلىرى دېنىزلىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
ئالبانىيەدىن قىرغىزىستانغىچە 22 دۆلەتنىڭ سەنئەتچىلىرى يەنە بىر قېتىم تۈركچە ناخشا ئېيتىدۇ.
ئۇدا 3 كۈن داۋاملىشىدىغان فېستىۋال، «‹ TRT ناخشا - مۇزىكا› قانىلى»، «‹ TRT Avaz › قانىلى» ۋە 8 دۆلەتنىڭ تېلېۋىزىيە قانىلى تەرىپىدىن نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىلىدۇ.
فېستىۋالغا تۈركىيەگە ۋەكالىتەن رەفات ئەل رومان ئىشتىراك قىلىدۇ.
ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى، دەنىزلىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، فېستىۋالنىڭ تۈركىيەنى تونۇشتۇرۇش جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
زەيبەكچى، فېستىۋالنىڭ ئۇزۇن يىللار داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.
TRT باش مۇدىرى ئىبراھىم شاھىنمۇ، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، 2015 - يىللىق يۈروۋىزيون ناخشا -ئۇسسۇل مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
شاھىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «سىلەرگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، ھەم ياۋروپا رادىيو - تېلېۋىزىيەلىرى بىرلىكى باشلىقى ھەمدە ياۋروپا رادىيو - تېلېۋىزىيەلىرى بىرلىكىنىڭ باش مۇدىرى تۈركىيەگە كېلىپ، ئۆزرىخاھلىق ئېيتىتى ھەمدە كەچۈرۈم سوراش بىلەنلا چەكلەندى. ئەمما بىز تەنقىد قىلىۋاتقان ۋە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان بەلگىلىمىلەر مەسىلىسىدە جىددىي خىزمەت ئىشلىمىدى، شۇڭا بىز 2015 - يىللىق يۈروۋىزيون ناخشا - ئۇسسۇل مۇسابىقىسىگە TRT بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قاتناشمايمىز.»
شاھىن، TRT نىڭ بۇ يىل تۇنجى قېتىم مانگا گۇرۇپپىسى بىلەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رادىيو - تېلېۋىزىيەلىرى بىرلىكىنىڭ ناخشا ئۇسسۇل مۇسابىقىسىگە ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
شاھىن، ئىستانبۇلنىڭ 2015 - يىلى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رادىيو - تېلېۋىزىيەلىرى بىرلىكى ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر