ئىسلام ئالىملىرى ئىستانبۇلدا ئۇچراشتى

70 دۆلەتنىڭ ئىسلام ئالىملىرى ئىستانبۇلدا ئۇچراشتى

97994
ئىسلام ئالىملىرى ئىستانبۇلدا ئۇچراشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 70 دۆلەتنىڭ ئىسلام ئالىملىرى ئىستانبۇلدا ئۇچراشتى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خەلقئارا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى ئۇدا ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىكەن.
تۇنىس نەھدە ھەرىكىتى رەھبىرى راشىد غەننۇشى بىلەن مىسىرلىق ئالىم يۈسۈف قەرزاۋىمۇ ئىشتىراك قىلغان يىغىننىڭ تېمىسى، «ئىسلام مىللەتلىرىنىڭ ئويغىنىشىدا ئالىملارنىڭ رولى» ئىكەن.
يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا، ئالىملارغا ئەرەبچە خىتاب قىلغان مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئەمرۇللاھ ئىشلەر، غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيە توغرۇلۇق توختالدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك تىنچلىققا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىشلەر، ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن غەززە مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ۋەھشىيانە قىلمىشنىڭ سادىر قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىشلەر، ئىسرائىلىيەنىڭ ئاياللار ۋە بالىلار دېمەستىن خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرنى ئاياغ ئاستى قىلىپ، غەززەگە ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئىشلەر، ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنىڭ غەززەنى دالا لاگېرىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى قەيت قىلدى.
دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەھمەت گۆرمەز بولسا، ئىسلام ئالىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر