نەسرىدىن ئەپەندىنى خاتىرىلەش ۋە لەتىپە كۈنلىرى...

كونيادا 55-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئاكشەھىر نەسرىدىن ئەپەندىنى خاتىرىلەش ۋە لەتىپە كۈنلىرى باشلىدى.

119187
نەسرىدىن ئەپەندىنى خاتىرىلەش ۋە لەتىپە كۈنلىرى...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 55-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئاكشەھىر نەسرىدىن ئەپەندىنى خاتىرىلەش ۋە لەتىپە كۈنلىرى پائالىيەتلىرى تۈنۈگۈن باشلاندى.
كونيانىڭ ئاكشەھىر ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەر دائىرىسىدە «كۆلگە ئېچىتقۇ قويۇش» مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. نەسىردىن ئەپەندىگە ئوخشاش كىيىنىۋالغان بىرى ھەر يىلقىغا ئوخشاش يەنە «كۆلگە ئېچىتقۇ قويدى». رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمىغا مىللىي مائارىپ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئورھان ئەردەم كونيا ۋالىيىسى مۇھەممەر ئەرول، ئاق پارتىيە كونيا پارلامېنت ئەزالىرى مۇستافا بالئوغلۇ ۋە ئايشە تۈركمەنئوغلۇ، كونيا شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى تاھىر ئاكيۈرەك ۋە تەمسىلىي نەسرىدىن ئەپەندى ئەنگىن نويان قاتناشتى.
ئورھان ئەردەم ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «نەسرىدىن ئەپەندى ئېيتىپ كەلگەن ئونلارچە لەتىپىلىرى بىلەن ئاكشەھىرنىلا ئەمەس، پۈتكۈل تۈركىيەنى ھەتتا رايونغا تەسىر كۆرسەتكەن زاتتۇر.»
پىروگرامما دائىرىسىدە ھاجىۋات كاراگۆز ئويۇنى، ھەجۋى رەسىملەر، بالىلار تىياتىرى، جانلىق ھەيكەل ئويۇنىغا ئوخشاش پائالىيەتلەرمۇ بار. 55-خەلقئارا ئاكشەھىر نەسرىدىن ئەپەندىنى خاتىرىلەش ۋە لەتىپە كۈنلىرى پائالىيەتلىرى 10-ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى ئاخىرلاشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر