شەنبە كۈنى رامىزان باشلىنىدۇ
تۇنجى تەراۋىھ نامىزى ئوقۇلىدىغان بۇ كېچە زوھۇرغا قوپىدىغان مۇسۇلمانلار، شەنبە كۈنى رامىزاننىڭ بىرىنچى كۈنىنى كۈتۈۋالىدۇ.
108781
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: روزىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئەنقەرەدە 20:30 دا، ئىستانبۇلدا 20:49 دا، ئىزمىردە 20:48 دە ئىپتار قىلىنىدۇ. ئىمساق ۋاقتى ئەنقەرەدە 03:18 ، ئىستانبۇلدا 03:25، ئىزمىردە 03:51 دە بولىدۇ. ھاككارىدا ئەڭ بالدۇر، ئەدىرنەدە ئەڭ كېيىن ئىپتار قىلىنىدۇ.
بۈگۈن (27 – ئىيۇن) ئەنقەرەدە 22:17 دە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇلىدۇ. ئىستانبۇلدا 22:40 دا، ئىزمىردە 22:30 دا ئوقۇلىدۇ.
قەدىر كېچىسىنىڭ 23 – ئىيۇل بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىدۇ. 27 – ئىيۇل بۇ يىللىق رامىزان ئاخىرلىشىدۇ. 28 – ئىيۇل بولسا، روزا ھېيت باشلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ت ر ت «‹Telly› مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى
تۈركىيە رادىيو-تېلېزىيە ئىدارىسى- ت ر ت «‹Telly› مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى .