تۈركىيە بىلەن ئالبانىيە  تېلېۋىزىيەدە ھەمكارلىق ئورناتتى

تۈركىيە بىلەن ئالبانىيەنىڭ ھەمكارلىقى، ئىككى دۆلەتنىڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى.

108756
تۈركىيە بىلەن ئالبانىيە  تېلېۋىزىيەدە ھەمكارلىق ئورناتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزىي ئالبانىيە پايتەختى تىراناغا جايلاشقان « Planet TV» قانىلىنىڭ مەسئۇللىرى، ئەنقەرەدە تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مېھمىنى بولدى.
تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى مۇدىرى ئىبراھىم شاھىن، ئالبانىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گېنتس مۇچچاي، « Planet TV» قانىلىنىڭ مۇدىرى ئەھمەت مۇچاج ۋە باشقا مەسئۇل كىشىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
ئىبراھىم شاھىن تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ 130 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە رادىيولار بىلەن كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
« Planet TV» قانىلى پىروگراممىلىرىنىڭ ئالبانىيەدىن باشقا، گىرېتسىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مۇچاج، بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىككى دۆلەتنىڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئارىسىدا ئۆز ئارا پىروگرامما ئالماشتۇرۇش، ئورتاق فىلىم ئىشلەش، خادىملارنى ئالماشتۇرۇش ۋە تېخنىكا ياردىمى قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىم ئىمزالاندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر