نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسى قايتۇرۇپ كېلىنىدىغان بولدى

نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسى ئامېرىكىدىن ئېلىپ كېلىنىپ، جۇدى تېغىنىڭ ئېتەكلىرىگە يەرلەشتۈرلىدىغان بولدى.

107255
نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسى قايتۇرۇپ كېلىنىدىغان بولدى


رۇسسېل كىروۋن باش رول ئالغان «نۇھ ۋە بۈيۈك تۇفان» ناملىق فىلىمدە ئىشلىتىلگەن نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسى ئامېرىكىدىن ئېلىپ كېلىنىپ، جۇدى تېغىنىڭ ئېتەكلىرىگە يەرلەشتۈرلىدىغان بولدى.
كېمە جۇدى تېغىغا يەرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن رايون خەل باغچىسىغا ئايلاندۇرىلىدۇ.
بۇ ھەقتە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا نۇھنىڭ كېمىىسى لايىھەسى مۇدىرى ئەمراھ دوغرۇ، ئاللېۋېنتس، ئىجرائىيە كومىتېتى باشلىقى ھۇسەين كالكاۋان، ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزاسى مۇرات ئاكان ۋە لايىھە ئالاقە ئىشلىرى مۇدىرى ئەبرۇ گەنچ ئوغلۇ قاتناشتى.
نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسى لايىھەسى مۇدىرى ئەمراھ دوغرۇ، مەزكۇر رايوننىڭ خەلق باغچىسى دەپ ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭ رايونغا ماس بىر ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭمۇ ياسىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ۋەتەنداشلارمۇ بۇ لايىھەگە قاتناشتۇرىلىدۇ.
جۇدى تېغى، شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇدا شىرناق ۋە سىلوپى ناھىيە مەركەزلىرى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن 2114 مېتىر كېلىدۇ.
مەشھۇر تۇفان بالاسىدىن كېيىن نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسى توختىغان جاي جۇدى تېغى ئىدى، دەيدىغان قاراشلار مەۋجۇت.
قۇرئان كەرىمدە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىنىڭ ئەھۋالى ھۇد سۈرىسىنىڭ 44 – ئايىتىدە «ئەي زېمىن سۇنى يۈت، دېيىلدى. سۇ چېكىلىشكە باشىلىدى. ئىش تامام بولدى. كېمىمۇ جۇدى (تېغىنىڭ) ئۈسىتىگە ئورۇنلاشتى» دەپ ئاڭلىتىلىدۇ.
نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىنىڭ توختىغان يېرىنى «ئاغرى تېغى» دەيدىغان قاراشلارمۇ بار.
1980 – يىللىرى ئايغا تۈنجى قەدەم باسقان ئاستېرنومىيە تەتقىقاتچىسى نېئىل ئارمىستىروڭگمۇ قاتناشقان بىر گۇرۇپپا ئاغرى تېغىدا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىنى ئىزدەش خىزمىتى باشلىغاندا تۈركىيە ئاممىسى ئارىسىدا خېلى غۇلغۇلا قىلىنغان ئىدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر