جۇمھۇر رەئىس گۈل مەشھۇر شەخسلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

راي سىناش نەتىجىسىگە كۆرە، «دۇنيا بويىچە تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك مەشھۇر 100 شەخس» ئېنىق بولغان

63880
جۇمھۇر رەئىس گۈل مەشھۇر شەخسلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ داڭلىق ژۇناللىرىدىن «‹ TIME › ژۇرنىلى» تەرىپىدىن ھەر يىلى «يىلنىڭ مەشھۇر شەخسلىرى» نى بەلگىلەپ چىقىش مەقسىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان راي سىناشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى تاماملاندى.
راي سىناش نەتىجىسىگە كۆرە، «دۇنيا بويىچە تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك مەشھۇر 100 شەخس» ئېنىق بولغان.
سىياسىيونلار، سەنئەتچىلەر، تەنتەربىيە ماھىرلىرى ۋە مۇتەپەككۇرلاردىن تەشكىل تاپقان مەشھۇر شەخسلەر تىزىملىكىگە تۈركىيەدىن جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلمۇ كىرگۈزۈلدى.
ژۇرنالدا ئابدۇللاھ گۈلنىڭ «ئىلمىي ۋە مۇرەسسەچى پوزىتسىيەسى» ئەسكەرتىلدى.
تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغانلار ئارىسىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى قاتارلىق رەھبەرلەرمۇ بار.
ئىگىلىنىشىچە، «يىلنىڭ مەشھۇر شەخسلىرى» نى بەلگىلەپ چىقىش ئۈچۈن تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن 100 شەخس ئارىسىدا ئىنتېرنېت ئارقىلىق قايتىدىن راي سىناش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر