گاللانت رەفاھ ھۇجۇمىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىسىرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گاللانت يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلانغان پەلەستىنلىكلەر پاناھلىنىۋاتقان رەفاھقا ھۇجۇم قىلىشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2136811
گاللانت رەفاھ ھۇجۇمىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، گاللانتنىڭ رايوندىكى ھۇجۇملارنى قوللاش مەقسىتىدە رەفاھنى بومباردىمان قىلغان زەمبىرەكچىلەر قىسمىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

گاللانت بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، 6-ماي ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىگە رەفاھقا كىرىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى ئىشغال قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردۈم. ھەربىي ھەرىكەت رەفاھتا ۋە پۈتكۈل غەززەدە ھاماس يوقىتىلغىچە شۇنداقلا تۇنجى ئەسىر ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگىچە داۋاملىشىدۇ. ئىسىرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن يول قويۇشقا تەييارمىز. ئەگەر ئەسىر ئالماشتۇرۇش بولمىسا، غەززە ھۇجۇمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىمىز» دېدى.

ھاماس قاتار ۋە مىسىر تەرىپىدىن يەتكۈزۈلگەن «ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپى» نى تەستىقلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ئىسىرائىلىيە ئۇرۇش كابېنتى رەفاھقا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر