ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھۇجۇمى سەۋەبىدىن ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

2129307
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان ئوتتۇرا شەرق تېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك خىتابنامە ئېلان قىلىندى.

خىتابنامەدە، ئىراننىڭ 13-ئاپرېل كۈنى ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھۇجۇمىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى تەرىپىدىن بىردەك ئەيىبلەنگەنلىكى ۋە ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىنى  كېڭەيتىش قارار قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتابنامەدە يەنە، غەززەدىكى كىرىزىسقا دەرھال ئۇرۇش توختىتىش، ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى غەززەگە توسالغۇسىز يەتكۈزۈپ بېرىش ئارقىلىق خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىرىزىسنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسى ئارقىلىق ھەل قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

لىۋاننىڭ ۋەزىيىتىمۇ تىلغا ئېلىنغان خىتابنامەدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ دۆلەتنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقى قايتا تەكىتلەندى. شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ ئۆز دۆلىتىگە بىخەتەر، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ۋە ئىززەت-ھۆرمىتى قوغدالغان ھالدا قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش پىلانىنى قوللايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر