ئابدۇللاھيان: ئىسرائىلىيەگە قىلىنغان ھۇجۇم ھەققىدە ئامېرىكاغا كېرەكلىك ئاگاھلاندۇرۇشلار بېرىلدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيان ئىسرائىلىيەگە قىلىنغان ھۇجۇم ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكاغا كېرەكلىك ئاگاھلاندۇرۇشلار بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

2127357
ئابدۇللاھيان: ئىسرائىلىيەگە قىلىنغان ھۇجۇم ھەققىدە ئامېرىكاغا كېرەكلىك ئاگاھلاندۇرۇشلار بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابدۇللاھيان X ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا بېلگىيە، گوللاندىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس رىم ھاكىمىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئىراننىڭ دەمەشىقتىكى ئەلچىخانا بىناسىغا قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە خەلقئارا قانۇنغا شۇنداقلا ۋيېنا ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلىشى كۈن تەرتىپكە كەلدى. مەن دۆلىتىمىزنىڭ مەيدانىنى چۈشەندۈردۈم. ئامېرىكاغا كېرەكلىك ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلىدىم» دېدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھيان رۇسىيەلىك مەنسەپدىشى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد رىزا ئاشتىيانىمۇ ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملار ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشلاردا بولغان.

ئىران مىنىستىرى: «ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشى ئۈچۈن ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ساھەسىنى ئېچىپ بەرگەن دۆلەتلەرمۇ بىزنىڭ كەسكىن جاۋابىزمىغا ئۇچرايدۇ» دېگەن.

ئىراننىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلىمۇ ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇمى ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ ئىش ھازىرچە نەتىجىلەنگەن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئىسرائىلىيە يەنە بىر خاتالىق سادىر قىلسا، ئىراننىڭ جاۋابى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ» دېدى.

باياناتتا يەنە، توقۇنۇشنىڭ ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، «ئامېرىكا بۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشى كېرەك» دېيىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر