فىنلاندىيەدە باشلانغۇچ مەكتەپكە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى
فىنلاندىيەنىڭ ۋانتائا شەھىرىدە بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
2123595
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: <BBC> نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ساقچىلار 800 ئوقۇغۇچىسى ۋە 90 خىزمەتچىسى بولغان مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ھەمدە بىر گۇماندارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
رايوندىكى ئاھالىلەر نەق مەيداندىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرىق قىلىنغان.