رۇسىيە: ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئۇكرائىنا بار

رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى (FSB) دىرېكتورى ئالېكساندىر بورتنىكوۋ 22-مارت كەچتە موسكۋادىكى كروكۇس كونسېرت زالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ پەردە ئارقىسىدا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

2120856
رۇسىيە: ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئۇكرائىنا بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى دىرېكتورى ئالېكساندىر بورتنىكوۋ رۇسىيە باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدىن كېيىن، بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ موسكۋادىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ پەردە ئارقىسىدا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ بار-يوقلۇقى توغرىسىدىكى سوئالغا، «بىز شۇنداق دەپ ئويلايمىز. يۈز بەرگەن پاجىئە توغرىسىدا توختىلىۋاتىمىز. بۇ ئومۇمىي ئۇچۇر، ئەمما ئۇلارغا كۆپ پايدىلىق بولدى» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى پەيدا قىلغانلارنىڭ ئۇكرائىنا تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ كېتىشنى پىلانلىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، بۇلارنى ئۇكرائىنا زېمىنىدا كۈتۈپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ بارلقىغا مۇناسىۋەتلىك دەسلەپكى يىپ ئۇچىغا ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ پىلانلىغۇچىسىنىڭ تېخى ئېنىقلانمىغانلىقىنى، ئۇكرائىنانىڭ ئوتتۇرا شەرقتە قوراللىق كۈچلەرنى تەربىيەلىگەنلىكىنى ۋە رۇسىيەگە قارشى سەپتە ئوخشىمىغان مىللەتلەردىن بولغان جەڭچىلەرنىڭ بولۇشىنىڭ بۇنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە قارشى تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ نەزەرگە ئېلىنغانلىقىنى، ئەمما ئۇچۇرنىڭ ئومۇمىي خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ موسكۋادىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ھۇجۇمغا چېتىشلىق ھەر بىر كىشىنىڭ تېپىلىپ، قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ دۆلەت ئىچىدە تېررورلۇق خەۋپىنىڭ ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۇكرائىنا بىخەتەرلىك ئىدارىسى (SBU) نىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە  ئۇكرائىنا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئېتىراپ قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ بۇنىڭدىن باشقا، ئۇكرائىنا ھەربىي ئىشلار ئىستىخبارات باشلىقى كىرىل بۇدانوف ۋە باشقا ئىستىخبارات خادىملىرى توغرىسىدىكى سوئالغا، «رۇسىيە ۋە رۇسىيە پۇقرالىرىغا قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلار قانۇنلۇق ھۇجۇم نىشانىدۇر» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ بۇ نىشانلارغا نېمە ئۈچۈن زەربە بېرىلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، بۇنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پايتەخت موسكۋادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 139 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ھۇجۇمنى سادىر قىلغان تۆت تېررورچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر