موسكۋادىكى ھۇجۇمدا قازا قىلغانلار سانى 143 كە يەتتى

رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋاغا يېقىن جايدىكى كروكۇس شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كونسېرت زالىدا يۈز بەرگەن تۈنۈگۈنكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلار سانى 143 كە يەتتى، 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.

2119238
موسكۋادىكى ھۇجۇمدا قازا قىلغانلار سانى 143 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈردى؛ باياناتتا: «تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 143 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ئېنىقلاندى، ئەپسۇسكى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار سانى كۆپىيىشى مۇمكىن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ھۇجۇم بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىككى كىشى بىريانسكقا يېقىن جايدا ماشىنا بىلەن قېچىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئەسنادا قولغا چۈشۈرۈلدى؛ ماشىنىدا تاپانچا، ئاپتومات ئوقدىنى ۋە پاسپورت تېپىلدى. رۇسىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى 4 نەپىرى ۋەقەگە بىۋاسىتە ئارىلاشقان تېررورچىلار بولۇپ، جەمئىي 11 كىشىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالدى.

تۈنۈگۈن كەچتە ئاپتوماتلارنى كۆتۈرۈۋېلىشقان بەش ھۇجۇمچى كونسېرت زالىغا كىرىپ، ئەتراپتىكىلەرنى قالايمىقان ئوققا تۇتقان؛ ۋەقە جەريانىدا بىنادا پارتلاش، ئارقىدىن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنىدى.

ۋەقەدىن كېيىن. موسكۋا ۋە بىر قىسىم شەھەرلەردە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلگەن، موسكۋادىكى ھەپتە ئاخىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بارلىق ئاممىۋى پائالىيەتلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر