خەلقئارا جەمئىيەت موسكۋادا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى

خەلقئارا جەمئىيەت شىددەتلىك تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان رۇسىيەگە ئارقا-ئارقىدىن تەزىيە بىلدۈردى.

2119134
خەلقئارا جەمئىيەت موسكۋادا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئەمەلدارلىرىنى يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئاقساراي ھۆكۈمىتى، پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «كۆڭلىمىز موسكۋادىكى قورقۇنچلۇق ھۇجۇمنىڭ قۇربانلىرى بىلەن بىرلىكتە» دېدى.

ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە كانادا ھۆكۈمەتلىرى پۇقرالىرىنى كونسېرت قاتارلىق يىغىلىش ئورۇنلىرىدىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرغانىدى.

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەپ: «بىز بىگۇناھ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز» دېدى.

فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون رۇسىيە خەلقى بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەپسىزلىك كېڭىشى ھۇجۇمغا «قەبىھ ۋە قورقۇنچاقلارچە» دەپ باھا بەردى.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسمۇ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەزىيە بىلدۈردى ۋە ھۇجۇمنىڭ پەردە ئارقىسىنى تېزرەك ئايدىڭلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ بۇ پاجىئەلىك ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز موسكۋادىكى پۇقرالارنى زەربە ئوبيېكتى قىلىپ، نەچچە ئون ئادەنىڭ ئۆلۈمى، يەنە نەچچە ئون ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېدى.

رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن «سەمىمىي ھال سورالغان» باياناتتا، يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشى تىلەندى.

ئىرېلاندىيە، گىرېتسىيە، تۇنىس، ئىسرائىلىيە، ياپونىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ رۇسىيەگە تەزىيە بىلدۈردى.

تۈنۈگۈن قوراللىق كىشىلەر رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى كروكۇس شەھەرلىك ھۆكۈمەت كونسېرت زالىغا ھۇجۇم قىلىپ، 40 كىشىنىڭ ئۆلۈمى، 60 نەپىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 115 كىشىنى يارىلاندۇرغانىدى.

رۇسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى بولسا، موسكۋادىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 60 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە قازا قىلغانلار سانىنىڭ ئېشىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر