نېتانياھۇ رەفاھقا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى تەستىقلىغان

ئىسىرائىلىيە باش مىنىسترى نېتانياھۇ رەفاھقا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى تەستىقلىغانلىقىنى، پۇقرالارنى رايوندىن چىقىرىش پىلانىنى بولسا «پات يېقىندا» تەستىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2118195
نېتانياھۇ رەفاھقا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى تەستىقلىغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى نېتانياھۇنىڭ 18-مارت (2024) ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، نېتانياھۇ دەسلەپتە ھاماسنى يوقىتىش مەسىلىسىدە بايدىن بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ئۇرۇشتا بۇ نىشانغا يېتىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى توغرىسىدا ئوتتۇرىمىزدا ئىختىلاپلارنىڭ بارلىقى سىر ئەمەس» دېگەن.

نېتانياھۇ ئۇرۇش باشلانغان كۈنلەردە بايدىنغا ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەگە كىرمەي ھاماسنى يىڭىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. كېيىنكى كۈنلەردە بولسا، ھاماسنىڭ قېپقالغان بىرىگادىلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن رەفاھقا كىرمەي غەلىبنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى قەيت قىلغان.

ئۇ بايدىنغا مەلۇمات بەرگەندە، ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ رەفاھقا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى تەستىقلىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «پات يېقىندا پۇقرالارنى ئۇرۇش رايونلىرىدىن تارقاقلاشتۇرۇش پىلانىنىمۇ تەستىقلايمىز» دېگەن.

ئۇ يەنە، رەفاھقا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنىڭ بىر ئاز ۋاقىت ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن:

«بىز خان يۇنۇستا، مەركەزدىكى لاگېرلاردا، شىفادا قىلغىنىمىزغا ئوخشاش، ھاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى يوقىتىش، تۇتۇش ۋە يۈزلەرچە تېررورىستنى يوقىتىش ھەرىكىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئىسىرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىدا ئەڭ ئاز دېگەندە 14 مىڭ كىچىك بالا، 9 مىڭ 220 ئايال بولۇپ جەمئىي 31 مىڭ 923 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى، 74 مىڭ 96 كىشى يارىلاندى. خارابىلىكلەر ئاستىدا تېخىچە مىڭلارچە جەسەتنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر